چاقماق خەۋەر
Home 20 ئونىۋرسال يازمىلار 20 يۈرەك- مېڭە كېسەللىكلىرىگە پايدىلىق يىمەكلىك
يۈرەك- مېڭە كېسەللىكلىرىگە پايدىلىق يىمەكلىك

يۈرەك- مېڭە كېسەللىكلىرىگە پايدىلىق يىمەكلىك

تەرخەمەك بولسا چۈرۈك،يىيىشلىك،يېڭى،

تەرخەمەك بولسا ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ، ھاراقنى كېسىدۇ، يەنە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تالا ماددىسى ئۈچەيدىكى كېرەكسىزلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە يەنە بىر خىل {تارىترونىك كىسلاتا} دەپ ئاتىلىدىغان ماددا بار بۇلۇپ ، بۇ ماددا بەدەندىكى ماينىڭ يۇقىرىلاپ كىتىشىنىڭ ئادىنى ئالىدۇ، ئۇرۇقلىتىش ۋە ماددائالمىشىشنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

چەيزىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن يۇقىرى ئەڭ كۆپ بولغىنى بولسا ۋىيتامىن P بۇلۇپ ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئىنچىكە قىل -قان تۇمۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە؛ چەيزە خولىتسىرىننى تۆۋەنلىتىدىكەن ، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ئۆرلەش، قان- تۇمۇرلار تۇسۇلۇش قاتارلىقلارغا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.

يېشىل ماش. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى؛ قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەكنى ئاسىرايدۇ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھايۋاناتلارنى تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىنىشىچە؛ يېشىل ماشنىڭ تەركىبىدە گىلىتسىرىن ۋە تۆۋەن قۇيۇقلۇقتىكى ماي ئاقسىلى بار، كىلىنكىدىمۇ ئىسپاتلىنىشىچە؛ ھەر كۈنى يېشىل ماش شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە، قان بېسىم يۇقىرى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قان-تۇمۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

تاتلىقياڭيو. ئوزۇقلۇق تەتقىقاتچىلىرى ئىسپاتلىشىچە، ھەر كۈنى تاتلىىقياڭيو يەپ بەرگەندە، يۈرەك -مېڭە قان- تۇمۇر، قان تۇمۇر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تېرە ئاستىدىكى ماينى ئازلىتىدۇ،

دولانە . شەنجا ئاساسلىق دولانە كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ماينى پارچىلاش كىسلاتاسى ، ۋىيتامىن C فىلاۋۇن، كاربۇن سۇ بىرىكمىسىقاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ، قان تۇمۇرنى كېڭەيتىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، يەنە قاندىكى ماينى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە . دولانە چۈچۈمەل يىمەكلىك بولغاچقا ئاچ قورساق ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىڭ.

ئۇرۇقلاش يىمەكلىكى. خۇۋاسىڭ، مۇقاتىل ،ئورمان ياڭىقى، چىلان قاتارلىقلار، ئاساسلىق قان تۇلۇقلايدۇ، مېڭىنى قۇۋەتلەيدۇ.

ئۇرۇقلىتىش چېيى ،چاينىڭ كالورىيەسى يۇقىرى ئەمەس، ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ يۇقىرى ئەمەس، تېرە ئاستدىكى ماينى ئازلىتىپ ، ئۇرۇقلاشقا پايدىسى بار، بۇ چاي ئەمەلىيەتتە سۈيدۈكنى ھەيدەپ ، يىنك دەرىجىدە ئىچىنى سۈردۈرىدۇ،

 

 

مەنبە : تۇرمۇش بىلملىرى

 

Leave a Reply

Scroll To Top