ئادەم بەدىنى بىر دانە ئۇلۇغ ماشىنا،ئۇنىڭ ئىچىكى قىسمى نۇرغۇنلىغان خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن تولغان،ئۇنىڭ ھەر بىر قىسىمى ناھايىتى توغرا،زىچ ماسلىشىدۇ.ئۇ ناھايىتى نۇرغۇن ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ،تەر سۇيۇقلىقىدىن تارتىپ،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغىچە، يەنە ئۇنىڭ بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىرلىرى بار.
1.تېرىڭىزدە 4خىل رەڭ بار
تىرە سۈت رەڭ ئاقدە بولىشى مۇمكىن، تىرە دىۋارىدىكى قان تومۇرلار تېرىگە قىزىل رەڭ قوشقان.سېرىق رەڭ يەنە تەگ رەڭگىنى تولۇقلىغان .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا تاقابىل تۇرىدىغان قارا رەڭمۇ بار.بۇ تۆت رەڭ ئوخشىمىغان مىقداردا ئارىلىشىپ،دۇنيادىكى ھەممە رەڭنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
2.كۈلۈش ‹يۇقىدۇ›
ئەسنەشنىڭ يۇقىشىغا ئوخشاش،ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، كۈلۈشمۇ ‹يۇقىدىكەن›.ئەمەلىيەتتە، كۈلۈش ئاۋازى چوڭ مىڭە ۋە يۈز قىسىمىنىڭ كۈلۈشكە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنى غىدىقلايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تەقلىد قىلىش مۇھىم رولغا ئىگە بولۇپ،چۈشكۈرۈش،يىغلاش،كۈلۈش،ئەسنەش، بەلكىم ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ بىر شەكلى بولىشى مۇمكىن.
3.باش چوڭ بولسا،ئېغىز كىچىك بولىدۇ
تەدرىجى تەرەققىيات بەزىدە مۇكەممەل بولمايدۇ،ئەگەر خاتالىق چىقسا،بىزنىڭ بەلكىم قانىتىمىز بولۇپ قېلىشى،ئەقىل چىشىمىز بولماسلىقى مۇمكىن.بەزىدە ھېچقانداق پايدىسى يوق توقۇلمىلارمۇ بەدەندە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزگە ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئەڭ بۇرۇن ئەقىل چىشى ئۈچنچى نۆۋەتتە يىمەكلىك ئېزىدىغان ئېزىق چىش دەپ قارالغان ئىدى،ئەمما چوڭ مىڭنىڭ تەرەققى قىلىشى بىزنىڭ ئاستىنقى جاۋغىيىمىزنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئېغىزىمىزنى ناھايىتى تار ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان .
4.بۇرنىمىزنىڭ ئىچىدىكى ھۈجەيرە تۈكچىسى ماڭقا ئېقىتىپ چىقىرىدۇ
بەدىنىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا، تۈكچە دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرە بولۇپ،ئۇ بىزنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى تۈكچىلەر بولسا ماڭقىنى بۇرۇن بوشلۇقىدىن كېكىردەك ئەتراپىغا ئەكىلىشكە ياردىمى بار.سوغۇق ھاۋا بولسا بۇ جەرياننى ئاستىلىتىپ،بۇرۇننىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇرنىمىزدىن ماڭقا ئېقىپ توختىمايدۇ .
5.ياشلىق مەزگىلىدىكى چوڭ مىڭە قۇرۇلمىسى كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ
بىزگە مەلۇم، بىزدىكى ھورمۇنلار بەدىنىمىزنىڭ يېتىلىشى ۋە كۆيۈپۈش ئىقتىدارىغا ياردەم بېرىدۇ.ياشلىق مەزگىلىدە ئادەمنىڭ نىمىشقا دائىم ئىچى تىتىلدايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە تاشاق ھورمۇنىغا ئوخشاش بۇنداق ھورمۇنلار چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ،چوڭ مىڭنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ ھەمدە بىزنىڭ قىلىقىمىزغا تەسىر قىلىدۇ.
6.نەچچە مىڭلىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى تۇخۇمدان تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ
ئاياللار50ياشلار ئەتراپىغا بارغان ۋاقىتتا،كونترول ھورمۇنلىرى ۋە ھېيىز يوقايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇخۇمدىنى ئىشلەپچىقارغان چىشى جىنىس ھورمۇنلىرى بارغانسېرى ئازلايدۇ.ئۇنىڭ يېتىلگەن تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى بۇرۇنقىدەك،تەرتىپلىك ھالدا بالىياتقۇغا توشۇلمايدۇ.ياش ئاياللارنىڭ تەخمىنەن34،000 يېتىلمىگەن تۇخۇم پۈۋەكچىسى بولىدۇ،ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا تەخمىنەن350ئەتراپىدىكى تۇخۇم پۈۋەكچىسى يىتىلەلەيدۇ،يېتىلمىگەن تۇخۇم پۈۋەكچىلىرى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ ھەمدە قايتا ھامىلدار بولالمايدۇ.چوڭ مىڭە بۇ جەرياننى كونترول قىلىدۇ.
7.تاماق يېيىش-چوڭ مىڭنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن
چوڭ مىڭە بەدەن ئېغىرلىقىمىزنىڭ2%نى تەشكىل قىلىدۇ،ئەمما بەدەندىكى ئىنىرگىيەنىڭ20%نى سەرىپ قىلىدۇ.بىزنىڭ تاماق يىيشىمىز ئاساسلىقى چوڭ مېڭىگە داۋاملىق ھالدا يېتەرلىك ئېنېرگىيە تەمىنلەپ بېرىش،ئۈچ دانە چوڭ مىڭە ئارتىريەسىنىڭ توختىماي ئوكسىگىن توشۇشى ئۈچۈن .ئەگەر بۇ ئۈچ دانە ئارتىرىيە ئىچىدىكى مەلۇم بىرسى ئازراقلا توسۇلۇپ قالسا،چوڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ،ئۇيەرنىڭ خىزمىتىنى بۇزىدۇ.مانا بۇ بىز دەيدىغان سەكتە.
8.سۆڭەك پارچىلىنىپ،ئادەم بەدىنىدىكى ئورگانىك ماددىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە سۆڭەكنىڭ بەدىنىمىزنى تىرەپ تۇرۇشتىن باشقا يەنە،بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى كالتىسىي مىقدارىنى تەڭشەش رولى بار ئىكەن.سۆڭەكنىڭ تەركىبىدە كالتىسىي ۋە فوسفور بولۇپ، بەدىمىزدىكى كالتىسىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەندە،بەدىنىمىزدىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھورمۇنلار سۆڭەكنى پارچىلاپ،كالتىسىي مىقدارى ئۆلچەملىك بولغۇچە قەدەر خىزمەت قىلىدىكەن.
9.بەدەن ھالىتى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
بەزىدە بىرخىل ئاۋاز ياكى بىر خىل پۇراق بىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى غۇبارسىز بالىلىقىمىزنى ئەسلەشكە سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.بۇنداق مۇناسىۋەتنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بۇلامدۇ يوق؟ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا،‹تونۇش›ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىگە كۆرە،ئادەم بەدىنىنىڭ ھالىتى ئەينى ۋاقىتتا بىزگە تەسىر قىلغان ئىشلار بولغان ۋاقىتتىكى ھالىتىگە ئوخشاش بولسا، ئۇ ئىشلارنى ئەسلىيەلىشىمىز شۇنچە تىز بولىدىكەن.
10.ئاشقازاندىكى سىرلىق چىرىتىش سۇيۇقلۇقى
ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز بىر تۈرلۈك خەتەرلىك ماددىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرمىز،ئەمما نۇرغۇن يەردىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچىلەر ئۇ ماددىنى سىزدىن تارتىۋالالمايدۇ. ئۇ ماددا بەدىنىمىزنىڭ ئىچىدە بولۇپ،ئۇ دەل ئاشقازىنىمىزدىكى تۇز كىسلاتاسى، سانائەتتە دائىم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مېتال بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئاشقازىنىمىز بۇ زەھەرلىك سۇيۇقلۇقنى بىخەتەر ھالدا ئاشقازىنىمىزنىڭ ئىچىدە ساقلاپ،ئۇنى يېمەكلىكلەرنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.