چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى

يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى

يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى

 « كاچۇڭ مەشرىپى » قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر- ئەسىرلەردىن بۇيان قانماي ئويناپ كېلىۋاتقان تىرىك، ئەنئەنىۋىي سەنئەت مىراسىدۇ.  بىر يۈز بەش نەغمە، ئىككى مىڭ بىر يۈز مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يۈرۈش چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق بىرىكمە گەۋدىدىن تەركىب تاپقان كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ شاش، مەردانە تەلقىنلىرىدىن ھېلىمۇ « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » دەۋرىدىكى يىراق قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھىدى كېلىدۇ. ئون ئىككى مۇقام دەرۋەقە دۇنيا سەنئەت تارىخىدىكى بىر ئاجايىبات. بۇ ئاجايىبات تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ئۈگە- ئۈگىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن مۇقام ھادىسىسىگە مۇنبەت زېمىن ھازىرلىغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدە ئاينىغان. دولان مۇقامى، قۇمۇل مۇقاملىرى، جۈملىدىن كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرى ئانىلىق قۇچاق بولۇپ ئون ئىككى مۇقامنى ئەي قىلغان ئىپتىدائىي مەنبەدۇر.

Comments are closed.

Scroll To Top