چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى

مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى

مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى

 مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مورىدىكى ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغىنىڭ يانباغرىدىكى ئېقىن بويىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئىگىلىك شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان ۋە ھازىرغا قەدەر ساقلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى گەرچە تۇرپان ئويمانلىقى مەدەنىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ تاغلىقلارغا خاس ئالاھىدىلىكى ناھايتى گەۋدىلىك بولۇپ، بوستانلىق مەدەنىيىتىگە ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى ھاسىل قىلغان. قانتاشنىڭ قولايسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇزۇن مۇددەت تاشقى دۇنيا بىلەن راۋان ئالاقىدە بولالماسلىقتەك ھالەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بىكىنمىچىلىك ئەنئەنىۋىي مەدەنىيتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مۇقام-مەشرەپلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا ناھايتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەشرەپ تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردا قاتار مەشرىپى، مېلىش مەشرىپى، قېيىق مەشرىپى، ئوتلاق مەشرىپى، قارلىق مەشرىپى، كۆك مەشرىپى، تۇپۇق مەشرىپى، نىكاھ مەشرىپى، بەيگە مەشرىپى قاتارلىق مەشرەپلەر ساقلانغان. ۋاھالەنكى، بۇ مەشرەپلەرنىڭ كۆپى ئۇلارنىڭ توي ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن زىچ بېرىكىپ كەتكەن بولۇپ، توي مەشرەپلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر قانداق تويدا ئادەتتە چاچ چۈشۈرۈش مەشرىپى، چاچ ئۆرۈش مەشرىپى، نىكاھ مەشرىپى، مېلىس مەشرىپى، چۆچۈرە مەشرىپى، قېيىق مەشرىپى، قورۇ مەشرىپى قاتارلىق چوڭ-كىچىك مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان «مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مەشرىپى» مورىدىكى ئۇيغۇرلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەر خىل يەرلىك نەغمىلەرنى ئۇسسۇل، ئويۇن، مىللىي تەنتەربىيە، قوشاقچىلىق ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارنى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇپ، بىر قېتىملىق توي مەشرىپىنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا ئىشلەندى.

 

Comments are closed.

Scroll To Top