چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر تارىخى 20  ئۇيغۇرلارنىڭ قسقچە تارىغى

 ئۇيغۇرلارنىڭ قسقچە تارىغى

 ئۇيغۇرلارنىڭ قسقچە تارىغى

ئۇيغۇرلار   ھازىرقى  جۇڭگو  ھۆكۈمىتى   ئاتاۋاتقان « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ، چەتئەللەردىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ   ئاتىشى بويىچە « شەرقىي تۈركىستان» ۋە ياكى «ئۇيغۇرستان»نىڭ يەرلىك ھەم ئاساسلىق  ئاھالىسىدۇر.

ئۇيغۇر دىيارى شىمال، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلەردە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ، موڭغۇلىيە  قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ،  ئۇنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى تەرەپلىرى  جۇڭگونىڭ  گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىسى ھەمدە تىبەت بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى  جۇڭگونىڭ 2010-يىللىق  ئىستاتېستىكىسى بويىچە 10 مىليون 69346 ئادەم   دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرى بۇ ساندىن خېلىلا كۆپ.  ئەلۋەتتە، بۇ سانغا چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كىرمىگەن. ئەگەر چەتئەللەردىكىلىرى قوشۇلسا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە  ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن ئۇلار دۇنيا يۈزىدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئىستاتېستىكىسى بويىچە ئالغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان 270 نەچچە مىللەت ئىچىدىكى  ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىرگەن.  ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى 100 ئاساسلىق تىلنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپرىقىدا   ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، ئۇلار  بۇ رايوندا  ئەزەلدىنلا  نوپۇس جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن  نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتتۇر. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلاردىن قالسا نوپۇس جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن خەلق قازاقلار ئىدى.  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە ئۇيغۇرلار 1949-يىلى  پۈتۈن ئاھالىنىڭ 75% نى ئىگىلىگەن بولسا، خەنلەرنىڭ نوپۇسى  يېڭىدىن كەلگەن ھەربىيلەر، مەمۇرىي خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى قوشۇلۇپ، 6.7 % نى ئىگىلىگەن .بۇ ۋاقىتتا خەنلەر  ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئاز سانلىق مىللەت ئىدى.

ئۇيغۇرلار  ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن باشقا  يەنە مەركىزىي ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستانغا تارقالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن زىچ ئېتنىك ، مەدەنىيەت،  سىياسىي ، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تارىخى بار. ئۇيغۇرلار يەنە تۈركىيە، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن   ياۋروپا، ئوكيانىيە  ۋە  شىمالىي ئامېرىكا  قىتەلىرىدىكى مەملىكەتلەرگىمۇ تارقالدى.

ئۇيغۇرلار  ھازىرقى زاماندىكى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۈركلەر، ئۆزبېكلەر، ئەزەرلەر، قازاقلار ، تاتارلار، قىرغىزلار ۋە تۈركمەنلەر   بىلەن بىر قاتاردا نوپۇسى ئەڭ كۆپ  تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسى  ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ. ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلى بىر گۇرۇپپىغا مەنسۇپ بولۇپ، مەزكۇر ئىككى تىل  بىر-بىرىگە ئەڭ يېقىن تىللار ھېسابلىنىدۇ.

 ئۇيغۇرلار دىنى جەھەتتىن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە   بولۇپ، ئۇلارنىڭ  ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش تارىخى 1000 يىلدىن ئاشتى.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ  ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا دەسلەپكى تۇتىمىزم دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شامانىزم ئېتىقادلىرىنى داۋاملاشتۇردى. مىلادىيىنىڭ ئالدى -كەينىدە  بۇددىزم ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىپ، تېز كېڭەيدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى  ئۇزۇن مەزگىل بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلدى.  8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مانىخېيىزم  ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ دۆلەت دىنىگە ئايلاندى.  10-13-ئەسىرلەر ئارىسىدا  ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى   تەۋەسىدە  مانىخېيزم ، بۇددىزم، خرىستىيان ۋە ئىسلام  ئېتىقادى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ھەر كىشى ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاش  ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بىراق، بۇددىزم يەنىلا بۇ تەۋەلىكتىكى ئاساسلىق ئېتىقاد ھېسابلىناتتى. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنى قەشقەر ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ئومۇملاشقان بولۇپ، كۇچار مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر-تۈركىي قەبىلىلىرى بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان  ئۇيغۇر-تۈركىي خەلقلىرىنىڭ چېگرىسىغا ئايلانغان ئىدى. تارىم ئويمانلىقى، ئىلى ۋادىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىمىنى ئىگىلەپ قۇدرەتلىك  مەملىكەتكە ئايلانغان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت دىنى بولغان   ئىسلام  15-ئەسىرگە كەلگەندە شەرقتە قۇمۇلغىچە بولغان بارلىق ئۇيغۇر تېررىتورىيىسىدە تولۇق ئومۇملىشىپ، بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇر-تۈركىي خەلقلىرىنىڭ  دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشى ئەمەلگە ئاشتى.

 ئۇيغۇرلار  ئانتروپولوگىيىلىك ، يەنى ئىرقىي تۈزۈلۈش جەھەتتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ بۇرۇنقى تەكشۈرۈشلىرى بويىچە ئالغاندا  ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇپ، قىسمەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارىلاشقان. غەرب ئالىملىرىنىڭ DNA بويىچە يېقىنقى تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا خۇددى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ  ياۋروپا-كاۋكاز ئىرقىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، ئەمما ئاسىيا تىپىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈنەرلىكتۇر.

ئۇيغۇرلار قەدىمكى  ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە مول يازما مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ياراتتى. ئىلگىرى كېيىن قەدىمكى تۈرك رونىك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تۈرك- ئۇيغۇر يېزىقىدا  ئەدەبىيات، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق ،  قانۇن، دىن، تىبابەتچىلىك   ۋە باشقا تۈرلۈك  ساھەلەرگە مەنسۇپ زور ساندىكى ئەسەرلەرنى  قالدۇردى. بولۇپمۇ 10-14-ئەسىرلەردە  تۇرپان تەۋەسىدە قالدۇرۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى  يازما يادىكارلىقلار، ئىجتىمائىي-قانۇنىي ھۆججەتلەر ۋە باشقا  كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ پارچىلىرى سانكىتپېتېربۇرگ ، بېرلىن، پارىژ ۋە باشقا شەھەرلەردە ساقلانماقتا.

خەلقئارا تۈركشۇناسلىق ساھەسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى  ۋ.ۋ. رادلوۋنىڭ  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا چىقارغان يەكۈنى بويىچە ئالغاندا  ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمى تۈركىي قەبىلىلەردىن بولۇپ قالماستىن بەلكى  ۋە غەرب تەرەپتىكى تۈركىي قەبىلىلەر ئىچىدە قەدىمدىن تارتىپ  ئەڭ يۈكسەك ئورۇننى ئىگىلىگەن خەلق ئىدى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر تۈركشۇناسى ۋە ئۇيغۇرشۇناسى س. ئې. مالوۋنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئالغاندا  ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋاقىتلاردا مەركىزىي ئاسىيادىكى ناھايىتى تەرەققى قىلغان شەھەر ھاياتىغا   ئىگە  ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدى.

 ماخمۇت كاشىغەرى،  يۈسۈپ  خاس ھاجىپ، سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ، ئەلىشىر ناۋايى، ئاتايى، لۇتفى، ھىرقىتى، زەلىلى، نۆۋبىتى   ھەم   باشقىلار دەسلەپكى  ۋە كېيىنكى  ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت  نامايەندىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى يەنە گۈزەل سەنئەت ۋە  مۇزىكا ساھەسىدىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ،  «مىڭ ئۆي»  تام سۈرەتلىرى  ۋە  قەدىمكى كۇچار، تۇرپان، قەشقەر كۈيلىرى   ھەمدە كېيىنكى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى  12 مۇقام،  ئۇيغۇر مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۈلگىرىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  مۇزىكا مەدەنىيىتى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قەدىمكى ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇلغان بولۇپ، 10-ئەسىردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىگە كەلگەن شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندې ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن  چالغۇلىرىنى بىرگە ئېلىپ يۈرىدىغانلىقى، ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئالاھىدە ئورۇننى تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرغان ئىدى.

 ئۇيغۇرلار ئۇزۇن ئەسىرلىك مائارىپ تارىخىغا ئىگە.  ئىسلامىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن تارتىپ مەدرىسە مائارىپ ئەنئەنىسى داۋاملاشقان بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ،   مەركىزىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۇنياسىدا ئەۋجى ئالغان مەدەنىيەت-مائارىپ ئاقارتىش ھەرىكىتى شۇنىڭدەك تۈرك دۇنياسىدىكى تۈرك مىللىي كىملىكىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياۋروپا  ئۇسلۇبىدىكى  يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى بىخ ئۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەرىپەرۋەرلىكى دولقۇنى قوزغىلىپ،  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا كۆپلىگەن يېڭىچە مەكتەپلەر قۇرۇلدى. 1930-1940-يىللاردا بولسا، ئۇيغۇرلار سىستېمىلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەم پروگراممىلىرىغا ئىگە بولدى.   ئۇيغۇر تىلى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ دەرسلىرى ئۆتىدىغان، ئىلمىي-تەتقىقات، مەمۇرىي باشقۇرۇش ، پۇل-مۇئامىلە، نەشرىيات-ئاخباراتچىلىق ،سودا-ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە ئىشلىنىدىغان تىلغا ئايلاندى. 1944- قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر تىلىنى رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىپ،    ئۇيغۇر تىلى ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە   دۆلەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ   ھەممە ساھەسىدە، مائارىپ ۋە ھەربىي ساھەلەردە  تولۇق ئىشلىتىلدى.

ئۇيغۇر تىلى 1955-يىلى،  بېيجىڭ تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا  مەزكۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت تىلى  سۈپىتىدە  ئېتىراپ قىلىندى.

1930-1940-يىللاردا   ئۇيغۇر تىلى نەشرىيات، ئاخبارات تىلى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا   ئىلگىرى-كېيىن  بىر قانچە  ژۇرنال ۋە  گېزىتلەر  تارقىتىلدى.  بۇ تىلدا مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل پەنلەرگە ئائىت دەرسلىك ماتېرىياللىرى نەشىر قىلىندى. ھەتتا 1944-1949يىللاردا ئىلى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىن  باشقا يەنە قازاق، ئۆزبېك، تاتار،  رۇس، شىبە ۋە موڭغۇل تىلىدىكى مەكتەپلەرگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، شىبە ۋە خەنزۇ تىلىدا بەش خىل ژۇرنال،11 خىل گېزىت نەشىر قىلىپ تارقىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي تىل، مىللىي مائارىپ ھوقۇقىنى قوغدىدى. ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق ھەممە مىللەت باراۋەر بولۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە 13 مىللەتنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەت ۋە ئىناقلىقتا بىرگە ياشاش ۋەزىيىتى يارىتىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنى  يادرو قىلغان مەزكۇر  ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ  يېقىنقى  بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدىكى سىياسىي تارىخىدا ھەر مىللەت خەلقى ھوقۇقتا تەڭ- باراۋەر بولۇش، مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارا كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىپ، ھەقىقىي ئىناقلىق، دوستلۇق ۋە رازىمەنلىكتە بىرگە ياشاش ۋەزىيىتى يارىتىشقا قادىر بولالىدى.

  ئۇيغۇر تىلى  1949-يىلىدىن كېيىنمۇ   ھەر ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى  خەنلەردىن باشقا ھەر مىللەتنىڭ ئۆزئارا ئالاقە تىلى بولۇشتەك رولىنى تاكى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە داۋاملاشتۇردى. ئۇيغۇر  تىلى 20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدىن ئېتىبارەن  ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تىلىغا ئايلانغان بولۇپ،  بۇ جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىدى.  1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان  ئالىي تېخنىكوم سەۋىيىسىدىكى ئىلى بىلىم يۇرتى، تىببىي مەكتەپ، ھەربىي مەكتەپ ۋە باشقا بىلىم ئورۇنلىرىدا  پۈتۈن دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلدى. ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردىمۇ بارلىق  تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلدى.

ئۇيغۇر تىلى، 1950-يىلىدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ، مالىيە -ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق  ئونلىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە بىر قانچە ئون تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ  رەسمىي ئوقۇتۇش تىلى ، شۇنىڭدەك پەن -تېخنىكا ساھەسىنىڭ تىلى بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ ھەممە ساھەسى، يەنى، فىزىكا، ماتېماتىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە ، زوئولوگىيە، بوتانىكا، يېزا ئىگىلىك ، چارۋىچىلىق،  پۇل-مۇئامىلە، سودا-ئىقتىساد، تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە، سەنئەت شۇنىڭدەك  مېدىتسىنا، يۇقىرى تېخنىكا، كومپيۇتېر  ۋە باشقا ساھەلەردە ئۆز فۇنكىسىيىسىنى تولۇق  جارى قىلدۇرۇپ، مول پەن-تېخنىكا  كەسپىي ئاتالغۇلىرى لۇغەت تەركىبىگە ئىگە بولدى. ئۇيغۇر تىلىدا نەچچىلىگەن ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ئىلمىي ژۇرناللىرى چىقىرىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىم-پەن خادىملىرى  ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرىنى  ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ نەشىر قىلدۇردى. قىسقىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مۇكەممەل ئەدەبىي تىل ، يەنى مەمۇرىيەت تىلى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش تىلى ، ئاممىۋى ئاخبارات تىلى ۋە پەن-تېخنىكا تىلى بولۇپ شەكىللىنىپ  ۋە  مۇكەممەللىشىپ ھازىرقى زامان دۇنياسىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماس قەدەم بىلەن ئالغا باستى.

ئۇيغۇرلار  مول كلاسسىك  ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مول ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغىمۇ ئىگە. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىنتايىن مول پوئېزىيە، پروزا ، دراما ۋە  كىنو-تېلېۋىزىيە  ھەم باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەر يارىتىلدى.

ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  20-ئەسىردىكى دۇنياۋى  سىياسىي ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇشلار ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئەدەبىيات ئېقىملىرى ۋە نەزەرىيىلىرىنى ئۆزىگە  مۇجەسسىملەشتۈرەلىدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ 20-21-ئەسىردىكى ئىدىيىۋى ،  سىياسىي  ھەم مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرى ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھەم  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مىللىي، دىنىي، سىياسىي،  ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي  ۋە مەدەنىيەت مۇئەممالىرىنى  ھەم  ئارزۇ-ئۈمىدلىرى  ۋە يۈكسەك غايىلىرىنى ئىپادىلەشكە مۇۋەپپەق بولالىدى.

  بۇ تىلدا دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق كلاسسىك ئەدەبىيات، پەلسەپە ئەسەرلىرى ، خەن  تىلىنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان كلاسسىك ئەسەرلەر  ، رۇس ۋە فرانسۇز كىللاسىك ئەدەبىيات ئەسەرلىرى، جۈملىدىن دوستويېۋسكىي، لېرمونتوۋ، پۇشكىن، تولستوي، بالزاك ۋە  باشقا يۈزلىگەن ياۋروپا ئەدىبلىرىنىڭ  رومانلىرى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان ھازىرقى زامان  ئەدەبىيات   نامايەندە ئەسەرلىرى  تەرجىمە قىلىنىپ نەشىردىن چىقتى. ئەنە شۇ دۇردانە ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز ئۇسلۇبى ۋە قىممىتىنى ساقلىغان ھالدا  تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش قۇۋۋىتى ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق زامانىۋى  ۋە كلاسسىك تىللاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  تەرجىمە ۋە ئەسلىگە سادىق بولۇشتا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان مۇقەددەس «  قۇرئانى كەرىم»  بىۋاسىتە ئەرەب تىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.

بۇ تىلغا  يەنە قەدىمكى يۇنان ۋە  ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان غەرب پەلسەپىۋى ئېقىملىرىنىڭ جەۋھەر ئەسەرلىرى ھەتتا دۇنياۋى سىياسىي ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇشلارنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى ھېسابلانغان ماركىس، ئېنگلىس، لېنىن، ستالىن ۋە ماۋنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىندى. مانا بۇ بىر قاتار  مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر مۇكەممەل ۋە مول لۇغەت تەركىبىگە ھەم  يۈكسەك ئىپادىلەش ئىقتىدارغا ئىگە ھازىرقى زامان تىلى ئىكەنلىكىنى شەرتسىز يوسۇندا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

 ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىياتىر سەنئىتى  20-ئەسىرنىڭ بېشىدا پەيدا بولۇپ،  قەدەممۇ-قەدەم مۇكەممەللىشىپ، 20-21-ئەسىرنىڭ يېڭىچە مودېلى بولغان كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرى  دەۋرىگە تۇتىشىپ، بۇ ساھەدە مۇستەقىل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بەرپا قىلدى.

ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇل سەنئىتىدىمۇ زور نەتىجىلەر يارىتىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك  مۇسابىقىلەردە  ئالتۇن ۋە  كۈمۈش مېداللارغا ئېرىشكەن ناخشىچى  ھەم  ئۇسۇلچى ئارتىسلار،  پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى، جۇڭگو   ۋە  باشقا ئەللەر ئىچىدە  كەڭ تونۇلغان  ناخشا چولپانلىرى ھەم  باشقىلار يېتىشىپ چىقتى.

تەنتەربىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، پۇتبول  ۋە بوكس ھەرىكىتى نۆۋەتتىكى ئومۇمىي يۈزلىنىشتۇر.  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن   بوكس، چامباشچىلىق، ياپونچە مۇشتلىشىش، تايلاندچە مۇشتلىشىش تۈرلىرى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى، جۇڭگو چېمپىيونى ، سوۋېت ئىتتىپاقى چېمپىيونى، قازاقىستان چېمپىيونى،  ياۋروپا چېمپىيونى، ئاسىيا چېمپىيونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا چېمپىيونلىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان. بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ۋەكىللىكتۇر.

ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ، ماخمۇت ئۆمەروف 1956-يىلى ۋە 1960-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قارىغا ئېتىش بويىچە دۇنيا چېمپىيون ۋە رېكورد ياراتقۇچى  بولغان .   سابىرجان روزىيېف 22-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا قىلىچۋازلىق تۈرى بويىچە كۈمۈش مېدال ئالغان ۋە ئۈچ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان.

دارۋازلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيىسىنىڭ  نامايەندىسى بولۇپ، ئۇيغۇر دارۋازچىلىقى دەۋرىمىزدە دۇنيادىكى يېگانىلىقىنى ساقلىماقتا. ئۇيغۇر دارۋازلىرى  ئەڭ ئېگىز ، خەتەرلىك ۋە ئۇزۇن پولات ئارقانلاردا ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئۈسكىنىسى قوللانماي ، ھەر خىل ماھارەت كۆرسىتىپ مېڭىش  ئارقىلىق دۇنياۋى رېكورتلارنى ياراتتى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان  ۋە چىقىۋاتقان ئالىملارنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىن ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىلىم -پەن ساھەسىدە ۋە خەلقئارادا  ئالدىنقى قاتارنى ئىگىلىگەن ئاتاقلىق ئالىملار مەيدانغا  چىقتى.   ئۇلارنىڭ بەزىلىرى  غول ھۈجەيرە، يادرو فىزىكىسى ، ئالەم تېخنولوگىيىسى، نازۇك تېخنىكىلار ۋە باشقا ساھەلەردە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى  باشلامچى ئالىملاردىن ھېسابلىنىدۇ.  شۆھرەت مۇتەللىپوف غول ھۈجەيرە  تەتقىقاتى ساھەسىدە دۇنياۋى بۆسۈش خاراكتېرلىق نەتىجە ياراتقان  ئۇيغۇر ئالىمى بولۇپ، ئۇ  مەزكۇر ساھە بويىچە دۇنيادا باشلامچىلىق سالاھىيەتكە ئىگىدۇر.

  ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە ئېتنىك تارىخى ناھايىتى مۇرەككەپ جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ  ئېتنىك  مەنبەسى   موڭغۇلىيە ، جەنۇبىي سىبىرىيە، ئالتاي تاغلىرى ئەتراپى، ئىلى ۋادىسى،  خېشى كارىدورى قاتارلىق كەڭ رايونلاردا ياشىغان كۆچمەن قەبىلىلەر بىلەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئولتۇراق ھاياتتىكى تۈرلۈك قەبىلىلەردىن ئىبارەت ئاساسلىق ئىككى تەركىبتىن تۈزۈلۈپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئېتنىك تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن . ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېتنىك تەرەققىياتىغا ئەنە شۇ بىپايان  زېمىندىكى، بولۇپمۇ تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئولتۇراق ھاياتتىكى قەدىمكى  ئاھالىلار قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىڭ  مۇھىم  تارمىقىغا  ئايلانغان.   قەدىمكى  تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلار ئاھالىلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىغا ئەجداد بولغان  ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان مەدەنىيىتىگە  ئۇيغۇرلار مىراسخورلۇق قىلغان.  دېمەك، قەدىمكى تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ  ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنى تەشكىل قىلىشقا قاتناشقان ئەڭ مۇھىم تەركىب بولۇپ، قەدىمكى تارىم ۋادىسىدىكى  بوستانلىقلارنىڭ ئاھالىسى ۋە ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەتكە ئەنە شۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى مىراسخورلۇق قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە. ئەشۇ قەدىمكى تارىم ۋادىسى ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى، تۇرمۇش-ئۆرپ ئادەتلىرى، ئانتروپولوگىيىلىك تىپى، چالغۇ-مۇزىكىلىرى ۋە باشقىلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىدىن تېپىش مۇمكىن.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان تۈركىي خەلقلەر  ئۇزۇن ئەسىرلىك دۆلەتچىلىك تارىخى ئەنئەنىسىگە ئىگە. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىي قەبىلىلەر  ياۋرو-ئاسىيا تارىخىدا كۆپلىگەن چوڭ-كىچىك  دۆلەتلەر ۋە ئىمپېرىيىلەرنى بەرپا قىلغان.  قەدىمكى جۇڭگو تارىخنامىلىرىدە  ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى  ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار بولۇپ، ھۇن ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ تەركىبىدە بولغان. ماخمۇت كاشىغەرىنىڭ مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجادالىرى تەڭرى تاغ رايونىدا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قوشۇنلىرىنى توسۇپ قالغان  «ئوقيا ئېتىشقا ماھىر» خەلق ئىدى.

قانقىل دۆلىتى، ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى،  ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى، گەنجوۋ ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىيلار سۇلالىسى بىۋاسىتە قەدىمكى ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك تارىخىغا مەنسۇپتۇر. 13-18-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار چاغاتاي خانلىقى،  ياركەنتنى پايتەخت قىلغان سەئىدىيە دۆلىتى ۋە  خوجىلار ھاكىمىيەت دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.

 ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي 1759-يىلى، مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن  بېسىۋېلىنغان بولسىمۇ، بىراق،  چىڭ ئىمپېرىيىسى بۇ رايوندا ئۇزۇن مەزگىل  مۇستەھكەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالماي يەرلىك ھاكىمبەگلەرنىڭ يۇقېرى دەرىجىدە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. 1760-1820-يىللىرىدىكى  مانجۇر -چىڭ خاندانلىقىنىڭ باشقۇرۇشى يەرلىك ئۇيغۇر ھاكىمبەگلىرى بىلەن  مەنچىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرلەشمە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئىدى.   مانجۇلار پۈتۈن  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، خەنلەرنىڭ ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خەنزۇلار مەنچىڭ سۇلالىسىنى « باسقۇنچى»  ۋە «  ياتلار»  تەرىقىسىدە كۆرگەن ئىدى. خەنلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا  قارشى ھەرىكەتلىرى ئادەتتە  «  فەنمەن يۈندوڭ»، يەنى «  مانجۇرلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى»  دەپ ئاتالغان ئىدى.

 ئۇيغۇرلارمۇ قارشىلىقنى ھېچقاچان توختاتمىغان بولۇپ،  19-ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار  مەيدانغا كەلدى ۋە چىڭ ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقى يوق قىلىنىپ،  چار رۇسىيە، ئۇلۇغ بېرىتانىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت دۇنيانىڭ ئۈچ چوڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان قەشقەرىيە دۆلىتى  تاكى 1878-يىلىغىچە مۇستەقىل  مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدىن باشلاپ  ئۇيغۇر ئېلى دۇنياۋى <<چوڭ ئويۇن>>( Great Game)دىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.

1878-يىلى زو زۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى مانجۇ-چىڭ قوشۇنلىرى بۇ زېمىننى قايتىدىن ئىشغال  قىلىش   بىلەن بۇ ئۆلكە  چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەقىقىي مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، 1884-يىلى، «  يېڭى ئىگىلەنگەن زېمىن ۋە يېڭى تۇپراق،  يېڭى چېگرا » مەنىسىدىكى  « شىنجياڭ»  نامى  بىلەن مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. ئامېرىكا ئالىمى جېمېس مىللىۋاردنىڭ يەكۈنى بويىچە ئالغاندا  چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى سىياسىتى  مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتتىن ئىبارەت ئىدى.

1912-يىلى،  سۇن جوڭشەن باشچىلىقىدىكى خەن مىللەتچىلىك ھەرىكىتى مانجۇ -چىڭ ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ،   خەن مىللىتىنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتى بولغان  «جۇڭخۇا مىنگو»نى قۇردى.  سۇن جوڭشەننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە  مانجۇلار ھۆكۇمرانلىقىغا قارشى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، بىراق، خەن مىللىتىنىڭ ئۆزى تېخى تولۇق زامانىۋى مىللىي ئاڭغا ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۇزۇنغىچە بىرلىككە كېلەلمەي ، مىلىتارىستلار ئارا ئۇرۇش دەۋرىگە كىردى.   ئۇيغۇر دىيارىمۇ  مىلىتارىستلارنىڭ  مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بويسۇنمىغان  ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ،  ياڭ زېڭشىن  17 يىل، جىن شۇرېن  5 يىل ۋە شېڭ شىسەي 11 يىل بۇ ئۆلكىنى ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلدى.  پەقەت، 1943-يىلىغا كەلگەندىلا  جۇڭخۇا مىنگو مەركىزى ھۆكۈمىتىىڭ قوشۇنلىرى  ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە بولدى.

  ئۇيغۇرلار  20-ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرىدا باشقا  خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئازاد قىلىپ، 1933-يىلى، 12-نويابىردا قەشقەرنى مەركەز قىلىپ، بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، 1944-يىلى، 12-نويابىردا  غۇلجىنى مەركەز قىلىپ، ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىش بىلەن كۆپ مىللەت ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلىك شەكلىدىكى  دۆلەتچىلىك تۈزۈلمىسى  ياراتتى.

ھېچقانداق تاشقى كۈچنىڭ ياردىمىگە  ئېرىشمىگەن  بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1933-يىلى، نويابىردىن 1934-يىلى، ئاپرىلغىچە ئىلگىرى-كېيىن ئالتە ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.  شەرىئەت پرىنسپىپلىرىغا ئاساسلانغان  ۋە ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا  ئىگە بولغان، 16 مىنىستىرغا ئىگە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللا، جۇمھۇرىيەت رەئىسى خوجا نىياز  ھاجىم بولۇپ،  بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىي يوسىف ستالىن-شېڭ شىسەي ھەمكارلىقىدا يوق قىلىندى. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار ئاخىرىدا ماخمۇت مۇھىتىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ 6-ئاتلىق دىۋىزيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ،  ئۈچ يىلدىن كېيىن قايتا قوزغىلاڭ  كۆتۈرۈپ،  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن  بولغان جەڭلەردە تارمار قىلىندى.

  ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1944-يىلى، 12-نويابىردا قۇرۇلغاندىن كېيىن  ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تولۇق ئازاد قىلىپ،  تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى 26 ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە ئىگە، تەخمىنەن  300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدىكى  تېررىتورىيىدە مۇستەقىل  ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،  ئۆزىنى -ئۆزى ئىدارە قىلىشنى داۋاملاشتۇردى .

1949-يىلى، 8-ئايدا ،  جۇڭگو  كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەكىلى ليۇ شاۋچىنىڭ موسكۋادىكى مەخپىي زىيارىتى جەريانىدا ماۋ زېدوڭنىڭ « بىرلا  تەرەپتە تۇرۇش، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتە تۇرۇش»   سىياسىتى ۋە  ستالىننىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن  سوتسىيالىزم لاگېرىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىش ئارقىلىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر توقۇنىشىدا غالىپ چىقىش ستراتېگىيىسى نەتىجىسىدە  سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۇمىتى  جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا  تېزلىكتە  « شىنجاڭنى ئىشغال قىلىش»  ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى  تېزلىكتە  قۇرۇش « تەۋسىيىسى» نى بەردى.  ئارقىدىن،  ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى رەھبەرلىرى   بېيجىڭغا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەپەر قىلىش نامى  بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە قازاغا ئۇچرىدى.  10-11-ئايلاردا  سوۋېت ئىتتىپاقى  ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن   جۇڭگو خەلق  ئازادلىق ئارمىيىسى   تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى ئارقىمۇ-ئارقا ئىگىلىدى. 1945-يىلى، 8-ئاپرىلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان مىللىي ئارمىيە 1949-يىلى، 12-ئايدا   ئەمەلدىن قېلىپ، «  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ  5-كورپۇسى»غا ئايلاندۇرۇلدى ۋە 1950-يىلىدىن كېيىن تارقىتىۋېتىلدى.

   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى  ھۆكۈمىتى 1954-يىلىدىن ئېتىبارەن مىللىي ئاپتونومىيىلىك ئوبلاست ۋە ناھىيىلەرنى بەرپا قىلىشقا كىرىشىپ، 1955-يىلى، 10-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى  ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق  بۇ  رايونغا  بولغان  ئاپتونومىيىلىك باشقۇرۇش قانۇنىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆلكە دەرىجىلىك ھوقۇققا ئىگە مىللىي تېررىتورىيىلىك  ئاپتونومىيە بولۇپ،  ج ك پ  1922-يىلىدىن  تاكى 1940-يىللىرىغىچە بولغان ئۇزۇن مەزگىل جەريانىدا  ئىزچىل جاكارلاپ كەلگەن  « مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى» نى ئېتىراپ قىلىش شوئارىنى ، 1953-يىلى، ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن ئاشكارا  ئۆزگەرتىپ،   ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقى مودېلى بويىچە مىللىي  ئىتتىپاقداش ۋە ياكى  ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىش ئەمەس، بەلكى  ئۆلكە، ئوبلاست ۋە ناھىيە دەرىجىلىك  مىللي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم ھوقۇقى بېرىش سىياسىتى قوللاندى. چىڭداۋ يىغىنىدا   جۇڭگو كومپارتىيە رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مودېلىنى قوللانمايدىغانلىقى، چۈنكى ،  جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ۋە شارائىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.

دېڭ شاۋپىڭ 1981-يىلى، 8-ئايدا « شىنجاڭدىكى تۈپ مەسىلە جۇمھۇرىيەت ياكى ئاپتونوم رايون مەسىلىسىدۇر»  دەپ  بۇ رايونىدىكى زىددىيەتنىڭ خاراكتېرىگە تەبىر بەردى. ئەنە شۇ 1955-يىلى، 1-ئۆكتەبىردىن  تارتىپ  تاكى ھازىرغىچە «  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»  ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى.

 

Comments are closed.

Scroll To Top