چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر تارىخى 20  تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى(866-1363)

 تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى(866-1363)

 تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى(866-1363)

مىلادى 840-يىلى، ئورخۇن  ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مەركىزى قىرغىز خانلىقى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەربىي تەرەپلىرىگە كەتكەن 15 قەبىلىگە باشلامچىلىق قىلغان پانتېكىن  قاراشەھەر ئەتراپىدا ئۆزىنى قاغان ئېلان قىلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر قالغانلىقى قاراشەھەر، كۇچار ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارنى بىر گەۋدە ئىچىگە ئالدى. ئۇزۇن ئوتمەي قوچۇ ۋە بەشبالىقنى مەركەز قىلغان يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتى  تارىخ سەھنىسىگە چىقتى.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ  قۇرۇلغان يىلى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت . بەزىلەر  پان تېكىننىڭ مىلادىي 840-يىلىدىن تاكى 848-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆچۈپ يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا 10 يىل تۇرغاندىن كېيىن كۈچ توپلاپ، مىلادى 856-يىلى قاراشەھەردە ئۆزىنى قاغان جاكارلىغان ۋە داۋاملىق شەرققە يۈرۈپ، قوچونى ئىگىلەپ شۇ يەرنى پايتەخت قىلغان دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشقا خىتاي مەنبەلىرىدىن << سوڭ  خۇيىياۋ>>، << كونا تاڭنامە>>، << يۇئەن  سۇلالىسى تارىخى>> قاتارلىق تارىخنامىلەردىكى  ئۇچۇرلار ئاساس قىلىنغان. بۇ قاراشتىكىلەر پانتېكىننى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارايدۇ.

ئىككىنچى خىلى مىلادى 866-يىلى قارىشى   بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساس بولغان نۇقتا شۇكى،  مىلادى 866-يىلى،  ئۇيغۇر گېنېرالى   پۇگۇجۈن يەنى، بۇقا چىن  بەشبالىق، بۈگۈر قاتارلىق جايلارنى  بېسىۋالغان     تىبەتلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، بەشبالىقتا  ئۆزىنى بۇ جاينىڭ ھۆكۈمرانى دەپ ئېلان قىلغان.  ئەنە شۇ 866-يىلى تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەنە شۇ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار تۈپەيلىدىن  ھازىرغىچە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ قۇرۇلغان يىلى قەيت قىلىنغاندا دائىم مەزكۇر ئىككى يىل ئىشلىتلىدۇ.يەنى، ھەر كىم ئۆز قارىشى بويىچە  بېكىتىدۇ.

بىراق، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى مەنتىقىلىق ئانالىز قىلغاندا پان تېكىننىڭ قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغانلىقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يەكۈندۇر.

قوچونى پايتەخت قىلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانلىرى ئۆزلىرىگە <<ئىدىقۇت>> ئۇنۋانىنى قوللانغان بولۇپ، ئىدىقۇت <<بەختلىك>> مەنىسىنى بېرىدۇ. بۇ ئەسلىدە باسمىل قەبىلىسىنىڭ ئۇنۋانى ئىدى.  بېشبالىقنى يازلىق پايتەخت، قارا قوچونى  قىشلىق پايتەخت قىلغان مەزكۇر دۆلەت ئادەتتە  غەرب تارىخشۇناسلىقىدا  تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ۋە ياكى قوچۇ خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوۋېت –رۇس تارىخشۇناسلىرى <<تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى >> دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىدۇ.

تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېڭىيىپ، زېمىن دائىرىسى شەرقتە گەنسۇغىچە، غەربتە كۇچارغىچە، جەنۇبتا تەكلىماكاننىڭ كۆپ قىسىمىنى    ۋە شمالدا ئالتايغىچە  بولغان كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر  ئۇنىڭ زېمىن دائىرىسىنىڭ  500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئەينى ۋاقىتتا  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتىشى بويىچە، <<ئۇيغۇر ئېلى>>  دەپ ئاتالغان بولۇپ، 10-12-ئەسىرلەر ئارىسىدىكى مۇسۇلمان تارىخچىلىرى ئۇلارنى << توققۇز ئوغۇزلار>> دەپ ئاتىغان. 13-ئەسىردىكى مۇسۇلمان تارىخچىلىرى ھەتتا << ئۇيغۇرىستان>> دەپ ئاتىغان ئىدى. 11-ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى   ماخمۇت قەشقەرى بولسا  قوچۇ خانلىقى تەۋەسىنى  << ئۇيغۇر >> ئېتنو-سىياسىي نام ئاستىدا  ئاتاپ، مەزكۇر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بەش شەھىرى بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى، يەنى قوچو خانلىقى  فېئوداللىق مەملىكەت بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ۋە باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان. چارۋىچىلىقمۇ ئوخشاشلا تەرەققى قىلغان. دۆلەتنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى خان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا تېكىنلەر، يەنى شاھزادىلەر ۋە قاتۇنلار  ئاساسلىق ھۆكۈمرانلار ئىدى.  ۋەزىرلەر ۋە سانگۈنلەرنىڭمۇ ھوقۇقى چوڭ ئىدى. خان، تېكىن، قاتۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يەرلىرى، چارۋىلىرى بار ئىدى.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى   ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئاساس قىلغان مەملىكەت  بولۇپ،  ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاز نوپۇسلۇق بىر قانچە مىللەت  ياشىغان. بۇددىزم ئاساسلىق ھۆكۈمران دىن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە يەنە مانىخېيىزم، نېستورىئان   ۋە ئىسلام دىنلىرى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرى ئۆز دۆلىتىدە كۆپ خىل دىنلارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا يول قويۇشتەك دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئىدى. قوچودا مانىخېيزىم ، بۇددا ۋە نېستورىئان ئىبادەتخانىلىرى بولغان. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزى بىر قانچە دىنغا ئىشىنىش ۋەزىيىتى مەۋجۇت بولۇپ، 763-يىلىدىن كېيىن مانىخېي دىنى ئورخۇن ۋادىلىرىدىكى قەبىلىلەر ئارىسىدا تارقالغان ، تۇرپان تەۋەسىدىمۇ بۇ دىن يەنىلا كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا مەۋجۇت ئىدى.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئۇيغۇر يېزىقى كەڭ قوللىنىلغان ھەم بۇ يېزىقتا  ئەدەبىيات، پەلسەپە، دىن،ئىجتىمائىي-قانۇنىي ھۆججەتلەر، تىبابەتچىلىك ۋە  باشقا ھەر خىل ساھەلەرگە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەر يېزىلغان شۇنىڭدەك مەتبەچىلىك تېخنىكىسى كەشىپ قىلىنىپ، بۇ ئەسەرلەر مەتبەدە بېسىلغان.

رەسساملىق سەنئىتىمۇ تەرەققى قىلغان بولۇپ، بېزەكلىكتىكى بۇددا غارلىرىدىكى تام سۈرەتلىرى بۇنىڭ مىسالى ئىدى.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئىتىسادىي ئىگىلىكى ياخشى تەرەققى قىلغان بولۇپ، دۆلەتتە كەمبەغەلچىلىك يوق، خەلق تۇرمۇشى باياشات ۋە خاتىرجەم ئۆتكەن ئىدى.   ئىدىقۇتلار ئۇرۇش قىلىش، بولۇپمۇ ئەتراپقا كەڭىيىش ئۇرۇشلىرى قىلىشتىن ساقلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى ئورخۇن ۋادىسىدىكى ئات چاپتۇرۇپ، ئەتراپتىكىلەرنى بويسۇندۇرۇش  ئۇرۇشى قىلىشتەك قەھرىمانلىق  خۇسۇسىيىتىنىڭ ئورنىغا ئولتۇراق ۋە بېكىنمىچىلىك خاراكتېرى ئالماشقان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا   بۇ دۆلەتكە ئەلچىلىككە كەلگەن شىمالىي سوڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋاڭ يەندې تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى، مەدەنىيىتى  ۋە باشقا ئەھۋاللىرى  ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەلۇماتىچە، ناخشا-مۇزىكا ناھايىتى تەرەققى قىلغان. كىشىلەر سەيلىگە چىقسا ئۆزلىرى بىلەن مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى بىرگە ئېلىپ يۈرگەن. خەلقنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى باياشات ئۆتكەن بولۇپ،  شەھەر مەدەنىيىتى گۈللەنگەن ئىدى.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدا يازما ئەدەبىيات تەرەققى قىلغان  بولۇپ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ، ئاپرىنچۇر تېكىن قاتارلىق ئالىملار ۋە شائىرلار شۇ دەۋر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدۇر. تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىن تېپىلغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردىن   8 مىڭ پارچىسى سانكىتپېتېرگدا، 4 مىڭ پارچىسى بېرلىندا ۋە باشقا پارچىلار  باشقا دۆلەتلەردە ساقلانماقتا.

 <<مايتىرى سىمىت>>،<< ئالتۇن يارۇق>>، << شۇئەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى>>، << چاشتانى ئىلىبەك قىسسىسى >>، << ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى>> ،<< ئىرىق بىتىگ>>، تىبابەتچىلىك  ھۆججىتى  << سىدىخارتاسا>> ۋە باشقا كۆپلىگەن شېئىرىي ئەسەرلەر ھەم قانۇنىي ھۆججەتلەر دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى.

تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتى ئىلگىرى- كېيىن  500 يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياۋرو-ئاسىيانىڭ چىڭگىز ئىستىلاسىدىن  كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى بىر قاتار كەسكىن سىياسىي –ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى بىلەن باغلاندى.  بۇ جەرياندا ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولغان تولۇق مۇستەقىللىق ۋە چىڭگىزخان ھەم  ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھاكىمىيەتلىرىگە بېقىندا بولۇپ تۇرۇش ھالىتىنى ساقلىغان بولۇپ، تولۇق مۇستەقىللىق دەۋرى بېقىندا خاندانلىق دەۋرىدىن ئۇزۇن  بولغان.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ بېقىندا دۆلەتچىلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان دەۋرى 1209-يىلى،  ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىننىڭ چىڭگىز خانغا بەيئەت قىلىشى ۋە چىڭگىز خان تەرىپىدىن << 5-ئوغۇل>>لۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىدىن باشلانغان.بىراق ، چىڭگىز خان بارچۇق ئار تېكىننى ئۆزىنىڭ 5-ئوغلى ۋە كۈي ئوغلى دەپ  ھېسابلاش  بىلەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سالاھىيىتىگە يۇقىرى ئورۇن بەرگەن، بۇ ھال مەزكۇر خاندانلىقنىڭ  داۋاملىق ئۆز دولەتچىلىكىنى غەيرى رەسمىي مۇستەقىل ھالدا ساقلاپ تۇرىشىغا ئاساس بولغان ئىدى.  بارچۇق ئار تېكىن مەخسۇس قوشۇن چىقىرىپ، چىڭگىز خاننڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشا جايلارغا قاراتقان ئۇرۇشلىرىغا سالدى.

بارچۇق ئارت تېكىن دەۋرىدە ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە  دۆلەت ئىدارە تەشكىلاتىغا ئاكتىپ قاتناشتى.  ئۇيغۇرلار چىڭگىزخان ئائىلىسى ۋە باشقا موڭغۇل ئاق سۆڭەكلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازى بولۇپ، ئۇلارغا يېزىش ۋە ئوقۇشنى ئۆگەتتى.  موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ،قانۇن-پەرمانلارنى يېزىپ تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  مەدەنىيەتلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۆگەندى.  چىڭگىز خان ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا  جايلاردىكى ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈكچى ۋە مەسلىھەتچىلىك ئىشلىرىغا سالدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى چىڭگىز خان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوردىسىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇردى.

 چىڭگىز خان ئەۋلادلىرى ئايرىم-ئايرىم خاندانلىقلارنى قۇرغاندا، ھەتتا بېيجىڭنى پايتەخت قىلغان يۇئەن سۇلالىسىدىمۇ قۇبىلاي خان ئۇيغۇرلارغا زور ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارنى موڭغۇللاردىن كېيىنكى ئىككىنچى دەرجىلىك تەبىقىگە مەنسۇپ  قىلىپ ،  يۇقىرى ئىمتىيازغا ئىگە قىلدى. كۆپلىگەن  جايلارغا ئۇيغۇرلاردىن ۋالىيلارنى قويدى. ھەتتا دۆلەتنىڭ مەركىزىي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئىشلىدى. ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ رولىغا ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، خەنلىن ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئالىملىرى ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان ئىدى.  يۇئەن ئوردىسى ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەرگە ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.

تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتى  چىڭگىز خان ئەۋلادلىرىنىڭ  ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىدە دائىم بىتەرەپ تۇرۇش سىياسىتى قوللانغان بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ  ئوغۇللىرىدىن چاغاتاي،  ئۇكتاي ئەۋلادلىرى بىلەن تولىي ئەۋلادلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كەلىپ چىققاندا ھەر ئىككىلا تەرەپ، قوچۇ خانلىقىنى ئىگىلىۋېلىشقا ئىنتىلگەن ئىدى.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئاخىرلاشقان يىلى ھەققىدىمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بۇنىڭدا  ئاساسلىقى ئىككى خىل يىل بولۇپ، بىرى مىلادي 1277-يىلى، يەنە بىرى 1363-يىلى دېگەن كۆز قاراشتۇر.

 1277-يىلىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە،  تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى قوچقار تېكىن دەۋرىدە ، چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزارا كۈرىشى ئۆتكۈرلەشكەن پەيتىگە دۇچ كەلدى. قوچقار تېكىن يۈئەن سۇلائىسىنى قۇرغان قۇبىلاي خاننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا   چاغاتاي ۋە ئوكتاي خان ئەۋلادلىرىدىن نارازى بولدى.ئوكتاي خان ئەۋلادى دۇۋاخان 1275-يىلى،  120 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن قوچونى قورشىۋالدى. قوچقار تېكىن ئالتە ئاي قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، موڭغۇللار قوچونى ئىشغال قىلىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى.قوچقار تېكىن قۇبىلاينىڭ يارىدمىگە ئېرىشىپ، ئادەملىرىنى ئېلىپ قۇمۇل ئەتراپىدا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 1277-يىلى، دۇۋاخان  يەنە  ھۇجۇم قىلىپ، قوچقار تېكىننى  ئۆلتۈردى. ئەنە شۇ قوچقار تېكىن ئۆلگەن 1277-يىلىدا   تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئۈزۈل-كېسىل يوقالدى.

لېكىن بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدىغا قاراشتىكى مۇتەخخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قوچقار تېكىن ئۆلگەندىن كېين ئۇنىڭ ئوغلى يۇلىن تېكىن ئىدىقۇت بولدى ، بىراق ئۇ تۇرپان تەۋەسىدە ئەمەس، بەلكى گەنسۇغا قېچىپ بارغان ئۇيغۇرلارغا ئىدىقۇت بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ غايىسى تۇرپانغا قايتىپ  بېرىپ، قوچۇ  خانلىقىنى  ئەسلىگە كەلتۈرۈش  ئىدى.لېكىن ئۇ 1318-يىللىرى ئارىسىدا گەنسۇدا ئۆلدى.

تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئاخىرلاشقان يىلىنى 1363-يىلى دېگۈچىلەر،  تۇغلۇق تۆمۇرخاننىڭ شۇ يىلى تەختكە ئولتۇرىشى  بىلەن باغلاپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ تولۇق ئاخىرلاشقان يىلى دەپ ھېسابلايدۇ. تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ  گۈللەنگەن دەۋرىدە، يەنى 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قاراخانىلار سۇلالىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسلامىيەت داۋاملىق شەرققە كېڭەيگەن بولۇپ، قاراخانىلار بىلەن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئارىسىدا ئۇرۇشلار پارتلاپ، ئاخىرى كۇچارنى پاسىل قىلغان ھالدا مەزكۇر ئىككى  ئۇيغۇر دۆلىتى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلماي تىنچلىقتا بىللە، ياشىدى.  بۇ ۋاقىتتا تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى بۇددىزم، مانىخېيزم، نېستورىئانىزم دىنىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ھەم باشقا خەلقلەرنىڭ ھىمايىچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، قاراخانىلار سۇلالىسىمۇ، بۇ دۆلەتنى تامامەن يوق قىلىپ، ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشى ئېچىشتىن توختاپ قالغان ئىدى.  قارىماققا بۇ ئىككى ئۇيغۇر دۆلىتى ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن  بولۇپ، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئۆز تەۋەسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن ياشىشىغا ۋە دىن تارقىتىشىھگا رۇخسەت قىلغان.ئەنە شۇ شەرتلەر بەدىلىگە قاراخانىلار تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىغا ھۇجۇم قىلمىغان.

 

Comments are closed.

Scroll To Top