چاقماق خەۋەر

چارىگاھ مۇقامى

-چارىگاھ مۇقامى 29 نەغمە.

چوڭ نەغمىسى 9 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

ئۇيغۇر مۇقاملىرى نامىدىكى “گاھ” بىلەن ياسالغان سۆزلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ . “گاھ” سۆزىنىڭ پارسچە سانلار بىلەن بىرىكىپ كەلگىنىگە قاراپ ، بۇ ، مۇقاملارنىڭ رەت – نومۇرىنى بىلدۈرسە كېرەك ~ دېگەن پەرەزلەرمۇ بولغانىكەن . شۇڭا “چارگاھ” 4 – ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ تۆتىنچى رەتكە تىزىلغان ، “پەنجىگاھ” 5 – ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى قىلىپ رەتكە تىزىلغان . لېكىن “سىگاھ” مۇقامىغا كەلگەندە بولسا ، بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىنمىغان . “سىگاھ” 3 – ئورۇن مەنىسىدە بولۇپ ، مۇقاملار ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇننى بەلگىلىسىمۇ ئەمىلىيەتتە 11 – ئورۇنغا تىزىلغان .

Comments are closed.

Scroll To Top