چاقماق خەۋەر

چەپبايات مۇقامى

2- چەپبايات مۇقامى 24 نەغمە .

چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

چەپبايات — “چەپبايات” ، ” بايات” دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ، پارىسچىمۇ ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ، باشقىلار ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇ ئەمەس .

“بايات” — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا “خۇدا” ، “تەڭرى” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . “چەپبايات” ئاتالغۇسى “بايات” بىلەن باغلىق ، بۇ ئەسلىدە “چاپ” — قۇدرەتلىك ، ئالىي دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن “بايات” دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان . يەنى “چاپ” + “بايات” = چاپبايات” — ئۇلۇغ خۇدا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

Comments are closed.

Scroll To Top