چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 مەكىت ئوۋچى مەشرىپى

مەكىت ئوۋچى مەشرىپى

مەكىت ئوۋچى مەشرىپى

 ئوۋچى مەشرىپى – دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئوۋچى مەشرىپىدە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ.

دولانلار قەدىمكى زامانلاردا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە توپلىشىپ ئوۋچىلىق قىلىپ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ تارىختا نام قالدۇرغان ئىدى.

بۈگۈنكى مەشرەپتە دولان ئوۋچىلىرى ئوۋ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت- مەھەللىدىكى خەلق كاتتا كۈتۈۋېلىش مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ، ئوۋچى باتۇرلارنىڭ غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش ئەھۋالى تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنداقلا، قىزىقارلىق ھەجۋىي ئويۇنلار، ناخشا- ئۇسسۇل، كومىدىيىلىك ئويۇنلار، بېيىت- قوشاقلار ئارقىلىق ئوۋچى باتۇرلارغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ.

 

Comments are closed.

Scroll To Top