چاقماق خەۋەر
Home 20 Author Archives: ئاتامان (page 9)

Author Archives: ئاتامان

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا ۋاشىنگتون زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە جەنۋە يىغىنىدىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە بەششار ئەسەد بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ دىققەت بىلەن يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇخبىرلارغا ۋاشىنگتون زىيارىتىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بەردى. رايونلۇق مەسىلىلەرنى يىپتىن – يىڭنىسىغىچە مۇھاكىمە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ... Read More »

خىتايدا ئايرۇپىلاندا بومبا بار دەپ يالغان خەۋەر تارقالغان

خىتايدا ئايرۇپىلاندا بومبا بار دەپ يالغان مەلۇمات بېرىلگەن ۋە خەۋەر بەرگەن كىشى تۇتۇلغان. خەلقئارالىق خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدە بەرگەن خەۋەردە تۈنۈگۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ھاۋا يولىدا ئۇچىدىغان بىر قانچە ئايرۇپىلاندا بومبا بار دېگەن خەۋەر بىلەن بىيجىڭ، گۇئاڭجۇ، تىئەنجىن، چوڭچىڭدىن شاڭخەيگە ئۇچقان ئايرۇپىلانلارنىڭ بەزىلىرى ھاۋادىن قايتۇرۇپ قوندۇرۇش ، بەزىلىرىنى ئۇچۇشتىن كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ھاۋا قاتنىشىنى خېلى بىر ۋاقىتقىچە كونتۇرۇلۇقتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن ... Read More »

ئۇيغۇرلار نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى يىمەك – ئىچمەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

17 – ماي نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىم كۈنى بولۇپ، يەرلىك نورۋېگلارلا ئەمەس، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىمۇ بۇ بايرامنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالىدۇ. پۈتۈن دۆلەت مىقىياسىدا بايراقلار ئېسىلىدۇ، كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كوچا – كوچىلاردىكى پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. نورۋېگىيەنىڭ پادىشا ئائىلىسى ئوردىسىنىڭ يۇقىرى قەۋىتىسدىكى بالكوندا تاكى پاراتچىلار ئۆتۈپ تۇگىگۈچە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بىر قۇتلۇق كۈندىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ... Read More »

ئەختەم ئۆمەر

ئەختەم ئۆمەر، 1962-يىلى مەكىت ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ يېزا ئىتتىپاق كادىرى، قەشقەر شەھەرلىك رادىيۇ ئىستانسىنىڭ دىكتورى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى، تەڭرىتاغ كېنو ئىستودىيەسى، شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سىنارىستى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2008-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما»، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، ... Read More »

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئىزدىنىش

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئىزدىنىش ئىمىن تاجى تۈرگۈن ( شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى) ئۇيغۇرلار- مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان مەدەنىي تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا جۇغراپىيىلىك جايلىشىش موھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سىرتقى مەدەنىيەتكە ھىرىسمەن بولۇشتەك مىللىي پىسخىكىسى بىلەن ... Read More »

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى   (ئەختەم ئۆمەر) ئۇلۇغ ئاللاھ سۈپەتلىك ئىنسانلاردىن تاللاپ، بىزلەرگە پەيغەمبەر، پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، ھۆكۈما، مۇنەججىم، پەيلاسوپ، سەركەردە، ئۇستاز ھەم داھىي قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىلار توغقان. مەيلى قانداق ئېرىق، قايسى دىن، قىتئە، قەبىلە، مىللەتتىن بولسۇن، قايسى ئىنساننىڭ سۈپىتى-ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ ئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ يېتىشتى. ھەرقايسى مىللەتتىن بۇنداق كىشىلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. بۇيەردە ... Read More »

ھونلار،ئۇيغۇرلار ، ياپھونلار(ياپونلار)

ھونلار،ئۇيغۇرلار ، ياپھونلار(ياپونلار)  ھاجى قۇتلۇق قادىرى ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ5 ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207- يىلدىن مىلادىنىڭ 216- يىلىغىچە)، 170 ... Read More »

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ-زىننەت تاقاش ئادىتىگە نەزەر

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ-زىننەت تاقاش ئادىتىگە نەزەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زىبۇ زىننەتلىرى دۇنياغا داڭلىق . ئۇيغۇر ئاياللىرى تەبىئەتتىكى ھەر خىل ئالتۇن، كۈمۈش، قاشتېشى ۋە ياقۇتقا ئوخشاش قىممەتلىك مېتال ۋە تاشلاردىن زىننەت ئۈچۈن ئىنتايىن كۆركەم، سىپتا سەنئەت بويۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇلار بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، تېخىمۇ جەزبىدار ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشكە تىرىشقان. ئاسماننىڭ بېزەكلىرى بولغان يۇلتۇزلار، كېچىنى يورۇتقۇچى ئاي ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل-گىياھلار خوتۇن-قىزلارنىڭ ... Read More »

كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولۇشنىڭ تۆت ئۇسۇلى

 كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولۇشنىڭ تۆت ئۇسۇلى ئىسلاھاتچى، مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى 1917-يىلى مىسىرنىڭ بۇھەيرە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، مىسىرنىڭ ئالىي دىنىي ماقاملىرىدا ۋە قەدىمىي ئىلىم يۇرتى ئەزھەرنىڭ دەۋەت ئىشلىرى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان، مەككىدىكى ”ئۇممۇلقۇرا“ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئالجىرىيىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە يىل ئۇستازلىق قىلغان. مىسىردىكى”ئەل ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن“ جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولغان، بۇ سەۋەبتىن ئىككى قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنى ... Read More »

ئۇيغۇر ئەنئەنىسى

ئىلاۋە :     ئەچۈ-ئۇغۇشلار(بابايى-ئەجدادلار)نىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرى ئەۋلادلار ئويغار(مەدەنىيەت )ساپاسىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. تارىخ مىللىتىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوغيالىن (ئاجايىپ كاتتا) جەۋھەرلىرىنى ئالپ (بۈيۈك)ئەچۈ-ئۇغۇشلارنىڭ ئۆركى (ئېسىل) سۆزى بولمىش پەندى-نەسىھەتلىرىگە مۇجەسسەملىگەن. ناۋادا بىز ھاياتلىق قەدىمىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىگە يېتىش، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ لاياقەتلىك ئەركانلىرىغا ئايلىنىش مۇددىئاسىدا بولساق، شۈبھىسىزكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېكمەتكە تويۇنغان سۆزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مەۋجۇتلۇق مىزانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە موھتاجمىز.  ئۆركى ئەخلاق، مۇناسىپ ئەدەپ-قائىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ... Read More »

Scroll To Top