چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى (page 7)

Category Archives: ئۇيغۇر سەنئىتى

Feed Subscription

قۇمۇل كۆك مەشرىپى

قۇمۇل كۆك مەشرىپى  قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەم يەرلىك تۈسكە ھەم دۇنياۋى روھقا ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنساناپ ئىجتىمائىيلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا ھەممىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە «قۇمۇل كۆك مەشرىپى» دۇر. «قۇمۇل كۆك مەشرپى» تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى. شۇڭا ... Read More »

يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى

يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى « كاچۇڭ مەشرىپى » قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر- ئەسىرلەردىن بۇيان قانماي ئويناپ كېلىۋاتقان تىرىك، ئەنئەنىۋىي سەنئەت مىراسىدۇ.  بىر يۈز بەش نەغمە، ئىككى مىڭ بىر يۈز مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يۈرۈش چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق بىرىكمە گەۋدىدىن تەركىب تاپقان كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ شاش، مەردانە تەلقىنلىرىدىن ھېلىمۇ « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » دەۋرىدىكى يىراق قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھىدى كېلىدۇ. ... Read More »

كەلپىن ئودىكام مەشرىپى

كەلپىن ئودىكام مەشرىپى   كەلپىن ناھىيسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمال چېىتىگە، قىرتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان بولۇپ، چۆللۈك بىلەن بوستانلىقنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان تۆت ئەتىراپى تاقىر تاغلار بىلەن قورشالغان قەدىمىي يۇرت.    ئەزەلدىن قويۇق ئەپسانە-رىۋايەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان كەلپىنلىكلەر ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ماددىي ئىستىمالغا بولغان تەلپۈنۈش بىلەن مەنىۋىي تۇرمۇشقا بولغان قانماس ئاشنالىقىنى ئىپادىلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇقەددەس بىرلىكىدىن ئىبارەت بىر ... Read More »

گۇما كىلىياڭ مەشرىپى

گۇما كىلىياڭ مەشرىپى  ۋەتىنىمزنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قارا قۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قارا قۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە دىھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسنى ياراتقان. ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي كارۋان يولى لاداخ يولىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل ... Read More »

بۆرتالا بوزقىر مەشرىپى

بۆرتالا بوزقىر مەشرىپى  ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بۆرتالا دالاسىدا ئەجداتلىرىمىز تاغدىن-تاغلارغا، يايلاقتىن-يايلاققا، بوز قىرلاردىن ئېتىز-باغلارغا كۆچۈپ ئاي-يۇلتۇز ئاق بۇلۇتلارنى يېپىنچا، مەخمەلدەك تۇپراقنى پايانداز زىلچا قىلىپ، ئات چاپتۇرۇپ، يىلقا قوي-پادىلىرىنى ئاۋۇندۇرۇپ يۇرت ئېچىپ كەلگەن ئىدى. بورتالا دەل ئەنە شۇ يىراق ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بوز قىر مەشرىپى داۋاملىشىپ كەلگەن، شىمالىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر بولغان سايرام كۆلى بويىدىكى مۇنبەت يايلاققا جايلاشقان جەنۇب-شىمال مەدەنىيىتى ئۇچىراشقان ... Read More »

ئاۋات جۇگان توي مەشرىپى

ئاۋات جۇگان توي مەشرىپى  ئاۋات ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمالى چېتىگە جايلاشقان ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيلىك ئورنى ئپتىدائى مەدەنىيەت چۆكتۈرمىسى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە دولان مۇقام مەشرەپلىرى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاۋاتتا مەشرەپ پائالىيەتلىرى بىر قەدەر مول تۈرلىرى خىلمۇ-خىل قىزىقارلىق تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر بۇ قېتىم جۇگان توي مەشرىپى قايتا قىزىلىش ۋە رەتلىنىش ئاساسىدا سۈرەتكە ئىلىندى . جۇگان ... Read More »

ئالتاي تەبرىك مەشرىپى  ۋەتىنىمزنىڭ ئەڭ شىمالىي بۇرجىكىگە، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان ئالتاي دىيارى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى پارلاق مەدىنيىتى مول كان بايلىقلىرى ۋە گۆزەل تەبىئى مۇھىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىران دەرياسى بويىدا بىنا بولغان ئالتاي شەھرى (سار سۈمبە) ئىزچىل ھالدا سودا-سېتىق، ھۆنەر- سەنئەت، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ نەۋقىران ياشلىق جاسارىتىنى ۋە جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايەن ... Read More »

ئاقسۇ چوغتال مەشرىپى

ئاقسۇ چوغتال مەشرىپى    ئاقسۇ «چوغتال مەشىرىپى» ئاقسۇ دىيارىنىڭ قاراتال، بەشتۈگۈمەن، ئايكۆل، قۇمباش ئىگەچى قاتارلىق جايلاردىكى ئەلنەغمىلەر مۇقام ۋە ھەرخىل قوشاق-بېيتلەر، چۆچەك، ئويۇنلار ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئاقسۇ دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئاممىۋىي مەشرەپكە ئايلانغان . بۇ مەشرەپتە «سۇ ئوغرىسىنى جازالاش» نامىدىكى بىر ئويۇندۇر، مەشرەپتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ سۈيىنى ئوغۇرلاپ، ئۆزىنىڭ ئېتىزىغا قۇيىۋالغان ... Read More »

چاقىلىق توپۇق مەشرىپى

چاقىلىق توپۇق مەشرىپى  چاقىلىق – ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي  ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،  بۇ يەردە مىلادىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان كىروران ئىلى ۋە مىلادىدىن 77 يىل بۇرۇن كىروران ئىلىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن پىشاشان خانلىقى ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلغان. كىروران دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ناھايىتى قەدىمىي ۋە پارلاق بىر مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە غەربى دىيارنىڭ گۈل تاجىسىغا ئايلانغان. بۇ  مەدەنىيەت ... Read More »

تاغ مەشرىپى

كېرىيە مەشرەپلىرىدىن ” تاغ مەشرىپى  تاغ مەشرىپى — تاغلىق رايونلاردا كەڭ تارالغان مەشرەپ بولۇپ، ھازىر ئاتچان يېزىسىنىڭ پۇلۇ ۋە لۈش كەنتىدە نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. تاغ مەشرىپىنىڭ تەرتىپى ۋە شەكلى باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. تاغ مەشرىپىنىڭ جەريانى مۇنداق بولىدى    يۇرت چوڭلىرىدىن بىرى مەشرەپكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەشرەپتە ئەر- ئاياللا بىر سورۇندا ئولتۇرىدۇ. تاماقتىن كېيىن سازنىڭ چېلىنىشى مەشرەپ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ... Read More »

Scroll To Top