خىتايدا ئايرۇپىلاندا بومبا بار دەپ يالغان مەلۇمات بېرىلگەن ۋە خەۋەر بەرگەن كىشى تۇتۇلغان. خەلقئارالىق خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدە بەرگەن خەۋەردە تۈنۈگۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ھاۋا يولىدا ئۇچىدىغان بىر قانچە ئايرۇپىلاندا بومبا بار دېگەن خەۋەر بىلەن بىيجىڭ، گۇئاڭجۇ، تىئەنجىن، چوڭچىڭدىن شاڭخەيگە ئۇچقان ئايرۇپىلانلارنىڭ بەزىلىرى ھاۋادىن قايتۇرۇپ قوندۇرۇش ، بەزىلىرىنى ئۇچۇشتىن كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ھاۋا قاتنىشىنى خېلى بىر ۋاقىتقىچە كونتۇرۇلۇقتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن ... Read More »
Category Archives: خەۋەرلەر
Feed Subscriptionئۇيغۇرلار نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى يىمەك – ئىچمەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
17 – ماي نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىم كۈنى بولۇپ، يەرلىك نورۋېگلارلا ئەمەس، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىمۇ بۇ بايرامنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالىدۇ. پۈتۈن دۆلەت مىقىياسىدا بايراقلار ئېسىلىدۇ، كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كوچا – كوچىلاردىكى پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. نورۋېگىيەنىڭ پادىشا ئائىلىسى ئوردىسىنىڭ يۇقىرى قەۋىتىسدىكى بالكوندا تاكى پاراتچىلار ئۆتۈپ تۇگىگۈچە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بىر قۇتلۇق كۈندىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ... Read More »
رابىيە قادىر خانىم« 2013 – يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» بولۇپ سايلاندى
تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئاياللار كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 5 – ماي كۈنى يىغىن چاقىرىپ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى «2013 – يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» قىلىپ سايلىدى. بۇ خەۋەر تۈركىيىدىكى «خابېر تۈرك»، « ت ر ت تۈرك» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلدى. ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رابىيە ئىلكتۈركنىڭ مۇخبىرلارغا ... Read More »
قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بايىنغۇلىندا 19 ئادەم قولغا ئېلىندى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتا يۇرتىمىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكەن ھەپتە يۈز بېرىپ 21 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 19 ئادەم قولغا ئېلىندى. جۇڭگونىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا، قەشقەرنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 19 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۆلكىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدىن 1200 كىلومېتىر يىراقلىققا ... Read More »
خىتاي توققۇزاق ناھىيىسىدە ئاياللارغا ياغلىقنى چىكىلەپ چىگىش ۋە كۆينەكنى قىسقىراق كېيىش ھەققىدە تەلىم – تەربىيە باشلىد
خىتاي مارالبېشىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتكەن ۋە تەدبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇربىز توربېتىگە مەلۇم قىلىشىچە، توققۇزاق ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يۈزى يېپىلغان ئايللارنى ياغلىقىنى چىكىلەپ چىگىش ۋە كۆينىكىنى نىسبەتەن قىسقىراق كىيىشكە بۇيرىغان. ساقچى ۋە كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئۆي تەكشۈرگۈچىلەر، نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن چېغىدا «بۇ تۈزۈم ئىدىيەڭلاردىن ... Read More »
مارالبېشىدىكى كەنت مەسئۇللىرىغا كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن
مارالبېشىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يېقىندا ئېچىلغان بىر يىغىندا ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان كەنت پارتكوم سېكرىتارلىرى ۋە كەنت باشلىقلىرىغا ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. ئادەتتە چەت يېزىلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان بۇ جازا شەكلىنىڭ، يېتىلگەن كىشىلەرگە، بولۇپمۇ كەنت مەسئۇللىرىغا تەدبىقلىنىشى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقۇچىلاردا ھەيرانلىق ۋە ئويلىنىش پەيدا قىلغان. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى ئۇيغۇربىز تورىغا ئىنكاس يوللاپ، مارالبېشىدا كەنت مەسئۇللىرىنىڭمۇ يېزا ۋە ناھىيە ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئېغىر ... Read More »
ئالىم سېيىتوف: «خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوغلىنىشى تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس
شاڭخەيدىكى لۇشى مەسچىتى ئالدىدا يايمىكەشلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، 3 – ماي جۈمە كۈنى ساقچى، باج، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارە خادىملىرىنىڭ بازاردىن يولسىزلىق بىلەن قوغلىشىغا، يايمىلىرىنىڭ ئۇرۇپ چىقىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلىرى دۇمبالاشلارغا ئۇچرىدى، ئاھانەتكە چىدىمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يولسىزلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خورلۇققا، ئادالەتسىزلىككە، كەمسىتىشكە ئۇچرىشى ۋە قوغلىنىشىغا دائىر ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ يېقىندىكىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەۋەر ... Read More »
تۈركىيە قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى يىلماز شەرىپ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى داۋاملىق ھالدا زىيارەت قىلىپ سوغاتلار بەرمەكتە، ھەتتا خىتايغا تەكلىپ قىلماقتا. بۇنىڭغا قارشى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى پاش قىلىپ، ... Read More »