ئاۋات جۇگان توي مەشرىپى ئاۋات ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمالى چېتىگە جايلاشقان ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيلىك ئورنى ئپتىدائى مەدەنىيەت چۆكتۈرمىسى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە دولان مۇقام مەشرەپلىرى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاۋاتتا مەشرەپ پائالىيەتلىرى بىر قەدەر مول تۈرلىرى خىلمۇ-خىل قىزىقارلىق تەربىيۋى ئەھمىيتى چوڭقۇر بۇ قېتىم جۇگان توي مەشرىپى قايتا قىزىلىش ۋە رەتلىنىش ئاساسىدا سۈرەتكە ئىلىندى . جۇگان ... Read More »
Category Archives: ئۇيغۇر سەنئىتى
Feed Subscriptionئالتاي تەبرىك مەشرىپى
ئالتاي تەبرىك مەشرىپى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئەڭ شىمالىي بۇرجىكىگە، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان ئالتاي دىيارى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى پارلاق مەدىنيىتى مول كان بايلىقلىرى ۋە گۆزەل تەبىئى مۇھىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىران دەرياسى بويىدا بىنا بولغان ئالتاي شەھرى (سار سۈمبە) ئىزچىل ھالدا سودا-سېتىق، ھۆنەر- سەنئەت، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ نەۋقىران ياشلىق جاسارىتىنى ۋە جۇشقۇن ... Read More »
ئاقسۇ چوغتال مەشرىپى
ئاقسۇ چوغتال مەشرىپى ئاقسۇ «چوغتال مەشىرىپى» ئاقسۇ دىيارىنىڭ قاراتال، بەشتۈگۈمەن، ئايكۆل، قۇمباش ئىگەچى قاتارلىق جايلاردىكى ئەلنەغمىلەر مۇقام ۋە ھەرخىل قوشاق-بېيتلەر، چۆچەك، ئويۇنلار ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئاقسۇ دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئاممىۋىي مەشرەپكە ئايلانغان . بۇ مەشرەپتە «سۇ ئوغرىسىنى جازالاش» نامىدىكى بىر ئويۇندۇر، مەشرەپتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ سۈيىنى ئوغۇرلاپ، ئۆزىنىڭ ئېتىزىغا قۇيىۋالغان ... Read More »
ئاقتۇ تاغ مەشرىپى
ئاقتۇ تاغ مەشرىپى قارا قۇرۇم تاغلىرى باغرىدا تارىختىن بۇيان ساقلىنىپ ۋە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولغان تاغ مەشرىپىنىڭ شەكلى خىلمۇ- خىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، باشقا رايونلار، تۈزلەڭلىك يېزىلاردىكى مەشرەپ شەكلىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. ئاقتۇدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»، «توي مەشرىپى» ، «ئوغلاق مەشرىپى» قاتارلىق بارلىق مەشرەپ پائالىيەتلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تاغ مەشرىپى» دەپ ئاتىلىدۇ. Read More »
ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى
ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى باراۋەت مەشىرىپى ئىجاتجان، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەل ئىچى مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پەقەت ئاتۇشتىلا ساقلىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە «باراۋەت» سۆزى «باراۋەر» ۋە «ئەت» دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان. «باراۋەر» سۆزى تەڭلىك، باراۋەرلىكنى كۆرسەتسە، «ئەت» بولسا گۆشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (گۆش تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ) دېگەنلىك بولىدۇ. باراۋەت بىز ... Read More »
قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا سەنئەت
يۈسۈپجان ياسىن مەلۇمكى، ئىنسانلاردا تەبىئىي(ئادەتتىكى) تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىدىن باشقا، يەنە بىر خىل بەدىئىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك تەپەككۇر بولىدۇ. گۈزەل سەنئەت دەپ ئاتىلدىغان بىلىم تارماقلىرى مانا شۇ بەدىئىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك تەپەككۇردىن تۇغۇلىدۇ. بەدىئىي تۇيغۇ دېگەنلىك گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق ئالدىدا ھېس قىلىنغان ياكى گۈزەللىك ۋە ياخشىلىق يارىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە تۇيغۇدۇر. يۈكسەك تەپەككۇرمۇ ئادەتتىكى چۈشەنچىلەردىن ھالقىغان، ياخشىنى، توغرىنى ۋە گۈزەللىكنى يارىتىدىغان چۈشەنچىدۇر. ... Read More »
ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتنڭ ئالاھدىلىكى
ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ناھايىتى رۇشەن ئالاھىدىلىكە ھەم ئۇزاق تارىخىقا ئىگە . ئۇ تاش قۇرال دەۋىردىن باشلاپ شەكىللەنگەن بۇلۇپ دەسلەپ ئىتقاد يۇزسىدىن تاغ چوقىللىرىغا سموۋۇل قىلىنىپ سىزىقىچە ،ئويما (ئەگمە ) شەكلىدە بارلىققا كەلگەن . كىيىن يەنە ئاي ، كۇن ،يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرى نۇر مەنبەسىگە سموۋۇل قىلىنغان . يولتۇزسمان گىئومىتىريىلىك سىزىقچىلار تەكشى يۇز ئويما ، قاپراتىما ئويمىغا قاراپ راۋاجلانغان ... Read More »
ئابدۇكىرىم نەسىردىن ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكى
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺗﯘرﻣﯘش، ﺳﻪﻧﺌﻪت، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﺪە ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺗﻪۋەررۈك ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﯨﺪە ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﺪۇر. ﺑﯘددا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى – ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺋﻮرﻧﻰ، ﻗﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ۋە ﻧﻪﻗﯩﺶ – ﺑﯧﺰەﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻤﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ... Read More »
قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى
قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى «كىتابخانىلىق مەشرىپى»-ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. «كىتابخانىلىق مەشرىپى» ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «سۇغدۇش» ( كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش ) دەپ؛ ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەپچە «مەشرەپ» ، «مەجالىسۇن كۇتۇپ» ( كىتاب ئوقۇش مەشرىپى ) دەپ ئاتالغان بولسا، ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ناۋائىي زامانىسىدا «ئىلمىي مۇسابىيە» ( ئىلمىي سۆھبەت ) ، ... Read More »