تۇرپان قەيت مەشرىپى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئەمگەكچان، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى ھايات كەچۈرمىشلىرى، گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك خاھىشلىرى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا كىشىلەرگە ساغلام مەنىۋىي ئوزۇق، گۈزەل ئىستېتىك زوق بەخىش ئەتكەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى، شۇنداقلا خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى، ئەدەپ-ئەخلاق بۆشۈكى. شۇڭا خەلق ئىچىدە «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە» دېگەن ئەقىدە چوڭقۇر يىلتىز ... Read More »
Category Archives: ئۇيغۇر سەنئىتى
Feed Subscriptionتوقسۇن مەرتەم مەشرىپى
توقسۇن مەرتەم مەشرىپى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربې شىمالىغا جايلاشقان توقسۇن بوستانلىقى قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل سۈپىتىدە ناھايىتى زور رول ئويناپ كەلگەن . گەرچە ھەرخىل مەدەنىيەتلەر بۇ ئۆتكەلگە تەسىر كۆرسۈتۈپ تۇرغان بولسىمۇ، لىكىن توقسۇنلۇقلار ئۆزىگە خاس مول ھەم قىممەتلىك ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت سەمەرلىرىنى ياراتقان ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن جۈملىدىن توقسۇن مۇقام-مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي بايلىغى سۈپىتىدە قەدىرلىنىشكە ۋە قوغداشقا ئەرزىيدۇ ... Read More »
چۆچەك ئىمىل ۋادىسى مەشرىپى
چۆچەك ئىمىل ۋادىسى مەشرىپى چۆچەك شەھىرى – مەملىكىتىمىزنىڭ غەبىي-شىمالىغا جايلاشقان. قازاقىستان بىلەن بولغان چىگىرا لىنيىسى 160كىلومىتىر، ئەتىراپىنى تارباغاتاي تېخى بىلەن قۇلۇستاي يايلىقى قورشاپ تۇرىدۇ. تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە چۆچەك 1700يىللىق تارىخقا ئىگە. چۆچەك دېگەن بۇ نام قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، قاچا دېگەن مەنىدە. بۇ بەلكى شۇ ئورۇننىڭ يەر شەكلىگە قاراپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. چۆچەكنىڭ ئەتىراپى ئوت-چۆپلىرى مول يايلاق بولۇپ،مال-چارۋىلارنىڭ ... Read More »
چەرچەن توي مەشرىپى
چەرچەن توي مەشرىپى چەرچەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي-جەنۇب چېتىغا جايلاشقان قارا قۇرۇم تاغلىرى ۋە شەرقى ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ، سۈيى ئەلۋەك چەرچەن دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي بوستانلىق ، مەشرەپ چەرچەنلىكلەر قەدىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى بولۇپ، خەلق سەنئىتىنىڭ مۇقام ئېيتىش، نەغمە قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، بىيىت-قوشاق تاشلاش، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ياساش، دورامچىلىق ۋە گەپدانلىق قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ... Read More »
چاقىلىق توپۇق مەشرىپى
چاقىلىق توپۇق مەشرىپى چاقىلىق – ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە مىلادىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان كىروران ئىلى ۋە مىلادىدىن 77 يىل بۇرۇن كىروران ئىلىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن پىشاشان خانلىقى ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلغان. كىروران دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ناھايىتى قەدىمىي ۋە پارلاق بىر مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە غەربى دىيارنىڭ گۈل تاجىسىغا ئايلانغان. بۇ مەدەنىيەت ... Read More »
پىچان مېلىس مەشىرىپى
پىچان مېلىس مەشىرىپى 1848 – يىلى لۈكچۈن ۋاڭى ئەفىردۇن بىر قېتىملىق يۇرت كېزىش سەپىرىدە تاسادىپى پىچان ياشلىرىنىڭ مېلىس مەشىرىپىگە قاتنىشىپ قىلىپ، مەشرەپتىكى ئېسىل خەلق ناخشا-سازلىرى ئورۇندىغان خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارنى تارتۇقلايدۇ، ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدۇن بىلەن ئۇچىرشىپ، ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ھەيران قالىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا يۆتكەپ كېتىدۇ . مەشرەپتە يوقارقى ۋەقەدىن باشقا يەنە مارجان بىلەن، ... Read More »
مەكىت ئوۋچى مەشرىپى
مەكىت ئوۋچى مەشرىپى ئوۋچى مەشرىپى – دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئوۋچى مەشرىپىدە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. دولانلار قەدىمكى زامانلاردا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە توپلىشىپ ئوۋچىلىق قىلىپ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ تارىختا نام قالدۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى مەشرەپتە دولان ئوۋچىلىرى ئوۋ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت- مەھەللىدىكى ... Read More »
مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى
مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مورىدىكى ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغىنىڭ يانباغرىدىكى ئېقىن بويىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئىگىلىك شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان ۋە ھازىرغا قەدەر ساقلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى گەرچە تۇرپان ... Read More »
كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى
كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا ئۆزىنىڭ مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايلىقلىرى بىلەن ئالامگە مەشھۇر. « كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى » – قەدىمكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، مۇتلەق كۇچا ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە، ئاممىۋىلىقى كەڭ، مەزمۇنغا باي، جانلىق ئۇسلۇپقا ئىگە ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرىدۇر. كۇچا مەشرەپلىرى پەقەت كۇچا ناخشا- ... Read More »
قۇمۇل ئوردا مەشرىپى
قۇمۇل ئوردا مەشرىپى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا مىللىي خاسلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ باي مەزمۇنلۇق، ئەڭ رەڭدار ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرى. قۇمۇل مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ يارقىن گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باي، مەزمۇنلۇق، جانلىق ئۇسلۇبقا ئىگە خەلق سەنئىتىدۇر. قۇمۇل مەشرەپلىرى قۇمۇل مۇقاملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق ئىچىگە ... Read More »